شولز: پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا ئاچقان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز، رۇسىيەنىڭ 24 - فېۋرال ئۇكرائىناغا ئاچقان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1833211
شولز: پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا ئاچقان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شېۋىيېتسارىيەنىڭ داۋوس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 52 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىغا قاتناشقان شولز، يىغىننىڭ، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى كىلائۇس شۋابنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «يەرشارى خاراكتېرلىك ھەمكارلىق» باش تېمىسىدىكى ئالاھىدە بۆلۈمىدە سۆز قىلدى.

ئۇ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت بولۇش بىلەنلا قالماي، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى چوڭ ھەربىي توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كېلىۋاتقان خەلقئارا قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان ھەمكارلىق تەرتىپىگىمۇ زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «شۇڭا بىزنىڭ مەقسىتىمىز ناھايىتى ئېنىق. رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلماسلىقى كېرەك ئىدى ۋە مەن ئۇنىڭ غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

شولز موسكۋانىڭ ئۇكرائىنادا قوزغىغان ئۇرۇشىغا «پۇتىننىڭ مەغلۇبىيىتى» دەپ باھا بېرىپ، نۆۋەتتە رۇسىيەنىڭ پۈتكۈل ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىۋېلىشى ئۇرۇش باشلانغان چاغدىكىگە قارىغاندا ئېھتىمالدىن تېخىمۇ يىراقتەك قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە پۇتىننىڭ ئۇكرائىنادىكى بارلىق ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىغا يېتەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشقا مۇۋەپپەق بولۇشىنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى شوز، پۇتىننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىتتىپاقلىق روھى ۋە كۈچىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قالغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر