تېكساس ئىشتاتىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

ئامېرىكانىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە يۈز بەرەەن ھۇجۇمدا، 18 بالا ۋە ئۈچ قورامىغا يەتكەن كىشى بولۇپ، جەمئىي 21 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1832190
تېكساس ئىشتاتىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېكساس ئىشتاتىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى رولاند گۇتېررېز س ن ن تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ۋەقەدە ھازىرغىچە 18 بالا بىلەن ئۈچ قورامىغا يەتكەن كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇۋالدې بازىرىدىكى روب باشلانغۇچ مەكتىپىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پەيدا قىلغان سالۋادور راموسنىڭ (18 ياش) ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەرلەردە، گۇماندار سالۋادور راموسنىڭ ئۇۋالدې بازىرىدا ئولتۇرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ۋەقە پەيدا قىلغان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يېنىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ساقچىلار ھازىرچە ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى سەۋەبى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلان قىلمىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن قوراللىق ھۇجۇم توغرىسىدا: «خۇدا ھەققىدە، بىز قاچانمۇ قورال لوبىسىغا قارشى چىقىمىز؟» دېدى.

ئاسىيا زىيارىتىدىن قايتىپ كېلىپ ئاقسارايدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن پىرېزىدېنت جو بايدىن، پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندا مۇشۇنداق سۆز قىلىشقا مەجبۇر قالماسلىق ئۈچۈن دۇئا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ تېخى بىر ھەپتە ئىلگىرى نىيۇ يوركنىڭ بۇفالو (Buffalo) شەھىرىدىمۇ قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ، دۆلەت ئىچىدە بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان قوراللىق ھۇجۇملار توغرىسىدا ئالاھىدە توختالدى.

دۆلەت مائارىپ جەمئىيىتى تېكساس ئىشتاتى ئوقۇتقۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلغان باياناتتا: «دۆلەت-مەكتەپلىرىمىز، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەر جايلاردىن بىرى بولۇشى كېرەك. سىياسەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، قورال بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن يەنە قانچىلىك قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىشى كېرەك؟» دەپ سوئال قويۇلدى.

ئامېرىكا ئوقۇتقۇچىلار فېدېراتسىيەسىنىڭ باشلىقى راندى ۋېيىنگارتېن (Randi Weingarten) قوراللىق ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ئاتا-ئانىلار بۇ دۆلەتتە بالىلىرىنىڭ مەكتەپتە بىخەتەر ئىكەنلىكىدىن خاتىرجەم ئەمەس» دېدى.

س ن ن نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكادا بۇ يىل (2022) بېشىدىن تارتىپ بۇ قېتىمقى قوراللىق ھۇجۇمنى چىقىرىۋەتكەندە، مەكتەپلەردە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدە ئەڭ ئاز دېگەندە 10 كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 51 كىشى يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر