شىمالىي كورېيە يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى شىمالىي كورېيەنىڭ 3 باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1832086
شىمالىي كورېيە يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ پايتەختى پيوڭياڭدىكى سۇنان رايونىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا شىمالىي كورېيەنى توسۇش خاراكتېرلىق تەدبىرلەرنى كۆپەيتىشكە ۋەدە بېرىپ، رايوندىن ئايرىلغاندىن كېيىن قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى.

ياپونىيەمۇ شىمالىي كورېيەنىڭ كەم دېگەندە ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. ئەمما، بۇ ساننىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى نوبۇ كىشى تۇنجى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تەخمىنەن 550 كىلومېتىر ئېگىزلىكتە 300 كىلومېتىر ئۇچقانلىقىنى، ئىككىنچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ بولسا، 50 كىلومېتىر ئېگىزلىكتە تەخمىنەن 750 كىلومېتىر ئۇچقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر