ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن: ئۇكرائىنا ئۇرۇشتا غەلبە قىلىشقا مەجبۇر

فوندېرلېيېن 24-فېۋرالدىن تارتىپ داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئۇكرائىنا بۇ ئۇرۇشتا غەلبە قىلىشقا مەجبۇر.رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئۇرۇشقاقلىقى ئىستراتېگىيەلىك مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك بولۇشى كېرەك» دېدى.

1831783
ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن: ئۇكرائىنا ئۇرۇشتا غەلبە قىلىشقا مەجبۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن داۋوس يىغىنى دەپ بىلىنىدىغان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى (WEF) نىڭ مەخسۇس يىغىنىدا سۆز قىلغاندا، ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ: «بۇ يالغۇز ئۇكرائىنانىڭ مەۋجۇت بولۇش مەسىلىسىلا ئەمەس، شۇنداقلا ياۋروپا خەۋپسىزلىكى مەسىلىسىمۇ ئەمەس. بۇ بارلىق خەلقئارالىق تەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ۋە خەلقئارالىق تەرتىپكە سوئال بەلگىسى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشقاقلىقىغا قارشى تۇرۇش، بارلىق خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەزىپىسى» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇكرائىنانىڭ غەلبە قىلىشى ۋە قايتىدىن ئۆز كېلەچىكىنى بەلگىلىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئۇكرائىنا بۇ ئۇرۇشتا غەلبە قىلىشقا مەجبۇر. پۇتىننىڭ ئۇرۇشقاقلىقى ئىستراتېگىيەلىك مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك بولۇشى كېرەك» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان دۆلەتكە ھەربىي ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بارلىق ئىقتىسادىمىزنى سەپەرۋەر قىلىۋاتىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئۈچىنچى دۆلەت ئۈچۈن ھازىرغىچە تۈزۈلگەن ۋە ئەڭ چوڭ ماكرو-ئىقتىساد ياردەم پىلانى بولغان 10 مىليارد ياۋرودىن كۆپ ماكرو ئىقتىساد ياردىمىنى تەكلىپ قىلدۇق. مۇمكىن بولسا، رۇسىيەنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغان مال-مۈلۈكلىرىنى ئىشلىتىشتىن تارتىپ ھەممە چارەلەرنى ئىشقا سېلىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«بۈگۈن رۇسىيەنىڭ توپچىلار قىسمى ئۇكرائىنادىكى ئاشلىق ئىسكىلاتلىرىنى قەستە بومباردىمان قىلىۋاتىدۇ. قارا دېڭىزدىكى ھەربىي پاراخوتلىرى بۇغداي ۋە ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى بېسىلغان ئۇكرائىنا پاراخوتلىرىنى مۇھاسىرەگە ئېلىۋاتىدۇ. بۇ نومۇس قىلارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ نەتىجىلىرىنى ھەممە كۆرۈۋاتىدۇ. دۇنيادا بۇغداي باھاسى تېز ئۆسۈۋاتىدۇ. ئاشلىق يېتىشمەيدىغان دۆلەتلەر ۋە ئاجىز ئورۇندىكى جەمئىيەتلەر بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ. لىۋاندا نان باھاسى %70 ئۆستى. ئودېسسادىن ئېكسپورت قىلىنغان يېمەك-ئىچمەكلەر سومالىغا يېتىپ بارالمىدى. بۇنىڭغا قوشۇمچە، رۇسىيە ئاشلىق ئېكسپورتىنى توختىتىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. دۇنيادىكى ئاشلىق باھاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئاشلىقلارنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ ياكى سىياسىي جەھەتتىن قوللاش بەدىلىگە بۇغداي سودىسى قىلىۋاتىدۇ.»          



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر