ب د ت سومالىنى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سومالى ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمىس سۋان، سومالىدا ئىككىنچى قېتىم پىرېزىدېنت بولغان ھەسەن شەيخ مەھمۇدنى دۆلەتتىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا چاقىردى.

1831444
ب د ت سومالىنى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىۋان،  ھەسەن شەيخ مەھمۇد بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، پىرېزىدېنت مەھمۇدتىن، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارشى  كۈرەش قىلىنىشى ۋە دۆلەت مىقياسىدا مۇرەسسەچىلىكنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى يولىدا قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سومالىدا داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نامىدىن سومالىغا چاقىرىقتا بولدى.

سومالى سايلاملىرىنىڭ ئورۇنسىز ئۇزارتىلغانلىقىنى، ئەمما تاماملانغان سايلاملارنىڭ دۆلەت ئۈچۈن بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان سۋان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سومالى ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

سومالىدا 15 – ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 3 – باسقۇچلۇق سايلامدا 214 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشىگە ئېرىشكەن شەيخ مەھمۇد، ئالدىنقى پىرېزىدېنت مۇھەممەد ئابدۇللاھ فەرماجۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر