20 دۆلەت ئۇكرائىناغا قورال-ياراغ ياردەم قىلىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن (Lloyd Austin) 20 دۆلەتنىڭ ئۇكرائىناغا يېڭىدىن قورال-ياراغ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1831332
20 دۆلەت ئۇكرائىناغا قورال-ياراغ ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن بىلەن ئامېرىكا ئارمىيە ئىشتابى قوماندانى مارك مىللېي (Mark Milley) 47 دۆلەتنىڭ ھەربىي ۋە مۇداپىئە مەسئۇللىرى بىلەن ئۇكرائىنا مۇداپىئە ئۇچرىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى.

ئىككى رەھبەر ئىنتېرنېت تورىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاخبارات ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن بۇ يىغىنغا ئاۋستىرالىيە، بوسنىيە-گىرېتسېگوۋىنا، كوسوۋۇ، كولومبىيە ۋە ئىرېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىناغا قىلىنىدىغان ياردەم مەسىلىسىدە قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇكرائىناغا ئىلاۋە ياردەملەر مەسىلىسىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان خەۋەرلەر بار. 20 دۆلەت ئۇكرائىناغا يېڭىدىن قورال-ياراغ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىنتايىن ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان زەمبىرەك ئوقى، قىرغاق قوغداش سىستېمىسى، تانكا ۋە باشقا بىرونىۋىكلارنى ھەدىيە قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىنى قوغدىشى ئۈچۈن خارپۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ۋە ئېتىش سىستېمىلىرى بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان دانىيەگە؛ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە تانكا، راكېتا ۋە تىك ئۇچار بېرىشنى ۋەدە قىلغان چېخىيەگە تەشەككۈر ئېيتتى.

ئۇ يىغىندا، نورۋېگىيە، گىرېتسىيە، پولشا ۋە ئىتالىيەنىڭمۇ ئۇكرائىناغا يېڭى زەمبىرەك سىستېمىلىرى ۋە قورال-ياراغلارنى بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر