ئىراقتا تۈنۈگۈن كەچتە باشلانغان قۇم بورىنى خەلق تۇرمۇشىنى پالەچ ھالغا چۈرۈپ قويدى

ئىراقتا تۈنۈگۈن كەچتە باشلانغان قۇم بورىنى سەۋەبىدىن دەم ئېلىش كۈنى ئېلان قىلىندى.

1830592
ئىراقتا تۈنۈگۈن كەچتە باشلانغان قۇم بورىنى خەلق تۇرمۇشىنى پالەچ ھالغا چۈرۈپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، كۆرۈش مۇساپىسىنىڭ 100 مېتىردىن تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قۇم بورىنى سەۋەبىدىن بارلىق ئايرودورۇملاردىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ توختىتىلغانلىقى ھەمدە كەلگۈسى 48 سائەت ئىچىدە نەپەس يولى سىستېمىسى بىمارلىرىنىڭ ئۆيدە تۇرۇشى كېرەكلىكى ۋە باشقا پۇقرالارنىڭمۇ ساياھەت قىلماسلىقى لازىملىقى ھەققىدە ئاگاشلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.  

مىنىستىرلار كېڭىشى قۇم بورىنى سەۋەبىدىن دۆلەت مىقياسىدا رەسمى دەم ئېلىش ئېلان قىلدى.

مائارىپ مىنىستىرلىقىمۇ ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنىڭ بىر كۈن توختىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر