ئىراندا 10 قەۋەتلىك بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، نۇرغۇن كىشى بىنا ئاستىدا قالدى

ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى خۇزىستان ئۆلكىسىدە 10 قەۋەتلىك بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ،1 كىشى قازا قىلدى ۋە 7 كىشى يارىلاندى.

1830924
ئىراندا 10 قەۋەتلىك بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، نۇرغۇن كىشى بىنا ئاستىدا قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى خۇزىستان ئۆلكىسىنىڭ ئابادان شەھىرىدە سىلىنىۋاتقان 10 قەۋەتلىك «چوڭ شەھەر» ناملىق بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنادا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى باشلاندى. ھازىرغىچە 1 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى  ۋە 7 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنانىڭ شەھەر مەركىزىگە جايلاشقانلىقىنى ۋە كىشىلەر زىچ رايون بولغانلىقى سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىنا خارابىلىكى ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

 


خەتكۈچ: #قازا , #بىنا , #ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر