شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى، تۈركىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ ۋاقىت ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ماگدالېنا ئاندېرسون، تۈركىيە بىلەن ئۆز دۆلىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇشى توغرىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1830933
شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى، تۈركىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ ۋاقىت ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ماگدالېنا ئاندېرسون، تۈركىيە بىلەن ئۆز دۆلىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇشى توغرىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە سۆھبەتلەرگە بىر ئاز ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاندېرسون شىۋېتسىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — TT بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش مەسىلىسى توغرىسىدىكى مەيدانى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ، دۆلىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «مەن بۇ ھەپتە ئاخىرىدا جۇمھۇر رەئىس (رەجەپ تاييىپ) ئەردوغان بىلەن ياخشى ۋە ئىجابىي سۆھبەت ئۆتكۈزدۈم. شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە يېقىن كەلگۈسىدە تۈركىيە بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك ۋە ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئەمما سۆھبەتلەرگە بىر ئاز ۋاقىت كېتىدۇ» دېدى.

ماگدالېنا ئاندېرسون، ئۆزىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەرنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، شىۋېتسىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك نى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن تۇنجى دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر