دۇنيا مىقياسىدا مەجبۇرىي يۇرت - ماكانلىرىدىن ئايرىۋىتىلگەنلەرنىڭ سانى 100 مىليوندىن ئاشتى

دۇنيا مىقياسىدا مەجبۇرىي يۇرت- ماكانلىرىدىن ئايرىۋىتىلگەنلەر سانىنىڭ تۇنجى قېتىم 100 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

1830671
دۇنيا مىقياسىدا مەجبۇرىي يۇرت - ماكانلىرىدىن ئايرىۋىتىلگەنلەرنىڭ سانى 100 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومىسسارلىقى زوراۋانلىق، توقۇنۇش، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە زۇلۇمدىن قېچىشقا مەجبۇرلانغانلارسانىنىڭ 100 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭمۇ بۇ سانغا ئۈنۈملۈك تەسىركۆرسەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ب د ت پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومىسسارلىقى، ئېفىيوپىيە، بۇركىنا فاسو، بىرما، نىگېرىيە، ئافغانىستان ۋە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەجبۇرىي يۇرت - ماكانلىرىدىن ئايرىۋىتىلگەنلەرسانىنىڭ 90 مىليونغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ 24 – فېۋرالدا ئۇكرائىناغا قىلغان تاقاۋۇزى نەتىجىسىدە، ئۇكرائىنانىڭ ئىچىدە 8 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ سەرگەردان بولغانلىقى، 6 مىليوندىن ئارتۇق ئۇكرائىنالىق پاناھلانغۇچىنىڭ دۆلەت سىرتىغا چىقىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر