بايدىن: خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، ھەربىي ئىنكاس قايتۇرىمىز

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئاسىيا زىيارىتى دائىرىسىدە يېتىپ كەلگەن توكيودا، ياپونىيە ئىمپېراتورى نارۇخىتو بىلەن كۆرۈشتى.

1830753
بايدىن: خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، ھەربىي ئىنكاس قايتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان 2021-يىلى يانۋاردىن كېيىن، تۇنجى قېتىملىق ئاسىيا زىيارىتىنى باشلىدى.

ئۇ جەنۇبىي كورېيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ياپونىيە پايتەختى توكيوغا يېتىپ كەلدى ۋە ئىمپېراتورلۇق سارىيىدا ئىمپېراتور نارۇخىتو بىلەن كۆرۈشتى.

ياپونىيە NHK ئاگېنتلىقى پىرېزىدېنت جو بايدىن بىلەن ئىمپېراتور نارۇخىتونىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ يېرىم سائەت داۋاملاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئاقساراينىڭ باياناتىدا، ئۇچرىشىشنىڭ «ئامېرىكا خەلقى نامىدىن سالام يەتكۈزۈش ۋە ياپونىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى كۈچىنىڭ تەكىتلىنىشى» مەقسىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

پىرېزىدېنت جو بايدىن توكيودا زىيارىتى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ياپونىيە-ئامېرىكا باشلىقلار يىغىنى» نىڭ ئاخباراتقا ئېچىۋېتىلگەن قىسمىدا سۆز قىلغاندا، ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيوغا «ياخشى دوست» دەپ باھا بەردى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ «ئىتتىپاقدىشى ياپونىيەنىڭ مۇداپىئەسىنى تولۇق قوللايدىغانلىقى» نى تەكىتلەپ: «ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقى ھىندى-تىنچ ئوكياننىڭ تىنچلىقى ۋە پاراۋانلىقىنىڭ ئۇل تېشى» دېدى.

ئۇ يەنە، ئىككى دۆلەتنىڭ بۈگۈنمۇ، كەلگۈسىدىمۇ قىيىنچىلىقلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياپونىيەنىڭ رۇسيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا قارشى نامايان قىلغان مەيدانى سەۋەبىدىن تەشەككۈر ئېيتتى.

ئۇ يەنە، ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي رامكىسىنىڭ (IPEF)  رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلققە كونكرېت پايدىلارنى كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ «خىتاي تەيۋەننى ئىشغال قىلغان ئەھۋالدا ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىپ-ئارىلاشمايدىغانلىقى» ھەققىدىكى سوئالغا: «بۇ توغرىدا ۋەدە بەردۇق. <بىر خىتاي سىياسىتىنى> نى قوبۇل قىلدۇق ۋە ئىمزا قويدۇق... ئەمما، تەيۋەننىڭ زورلۇق كۈچ بىلەن ئېلىنىشى مۇۋاپىق ئەمەس» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ يەنە، خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلغان ئەھۋالدا ھەربىي ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ 24-فېۋرال (2022) رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى ياۋايىلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر» دېدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيو پىرېزىدېنت بايدىننىڭ زىيارىتىنىڭ «ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ھەر قانداق شارائىت ئاستىدا كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى» نى ئېيتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر