رۇسىيەنىڭ ئىرقىي قىزغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان  بۇچا شەھىرى قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى

رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئۇكرائىنانىڭ بۇچا شەھىرىدىكى بازارلار قايتىدىن جانلاندى.

1830364
رۇسىيەنىڭ ئىرقىي قىزغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان  بۇچا شەھىرى قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى
ukrayna-buca.jpg
ukrayna-buca.jpg
ukrayna-buca.jpg
ukrayna-buca.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت كىيېۋغا يېقىن بۇچا شەھىرى 24-فېۋرالدا باشلانغان رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئىزلىرىنى باغرىغا باسقان بولۇپ، ئۇل ئەسلىھە، مەكتەپ ۋە نۇرغۇن ئىمارەتلەر ئىشلىتىشكە بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى.

بىر تەرەپتىن بۇچادا خارابىلىكلەر ئاستىدىن پۇقرالارنىڭ جەسىتىنى چىقىرىش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن ھۇجۇم سەۋەبىدىن دۆلەتنىڭ باشقا بىخەتەر جايلىرىغا كەتكەنلەر شەھەرگە قايتىپ كەلمەكتە ۋە تەرتىپىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا.

بۇچادا ماگزېن، قەھۋەخانا، بىر قىسىم كارخانىلار ۋە بازار ئورۇنلىرى پائالىيەتلىرىنى قايتىدىن باشلىدى.

پايتەخت كىيېۋغا يېقىن بۇچا شەھىرىنى 1 - ئاپرېلدا رۇسىيە ئارمىيەسىدىن ئازاد قىلغان ئۇكرائىنا قىسىملىرى بىنالىرى ۋەيران بولغان، كوچىلىرى جەسەتلەر بىلەن تولغان شەھەرنى ئۇچراتقان ئىدى.

كىيېۋ ئەتراپىدىكى ئازاد قىلىنغان جايلاردىن 410 پۇقرانىڭ جەسىتى تېپىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر