كولومبىيە پىرېزىدېنتى: تۈركىيە بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىقتىن خۇرسەنمىز

كولومبىيە پىرېزىدېنتى ئىۋان دۇك ماركۇز تۈركىيە بىلەن دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ «ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق» سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلۈشىدىن ئۆزلىرىنى شەرەپلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1830062
كولومبىيە پىرېزىدېنتى: تۈركىيە بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىقتىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە پىرېزىدېنتى ئىۋان دۇك ماركۇز، تۈنۈگۈنكى ئىستانبۇل زىيارىتى ۋە تۈركىيە – كولومبىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە تۈركىيە – كولومبىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 500 مىليون دوللاردىن ئاشقانلىقىنى، بۇنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى، كەلگۈسى يىللاردا ئىككى ھەسسە كۆپىيىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ دۆلىتىدە ئۇل ئەسلىھە ۋە سىجىل ئېنېرگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى، بۇلارنىڭ داۋام قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، كولومبىيەنىڭمۇ يېڭى مەھسۇلاتلار بىلەن تۈركىيە بازارلىرىغا كىرىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ كولۇمبىيەدە يەرلىك شېرىكلەرنى ئېنىقلاپ چىقىشى ۋە كولومبىيە شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ يوشۇرۇن بازار ۋە خېرىدارلارنى ئىزدىشى مەسىلىسىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە – كولومبىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ «ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق» سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلۈشىدىن ئۆزلىرىنى شەرەپلىك ھېس قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ ھەقتىكى قارارىنى قىزغىن ئالقىشلايمەن، بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەنمىز ھەم ئۆزىمىزنى شەرەپلىك ھېس قىلىمىز. تۈركىيە ئارمىيەسى ھەققىدە ئىشلەنگەن <بۆرۈ> ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى بىرقانچە قېتىم كۆردۈم. مېنىڭچە بۇ قالتىس تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولۇپ، بۇنى كۆرىدىغانلار ناھايىتى كۆپ.»

ئۇ يەنە، ھەر ئىككى دۆلەتتىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ساھەسىنىڭ بىر يەرگە جەم قىلىنىپ، تۈركىيە – كولومبىيە ئورتاق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ روياپقا چىقىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر