ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 40 مىليارد دوللارلىق ئۇكرائىنا ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ ئۇكرائىنا ئۈچۈن 33 مىليارد دوللار تەلەپ قىلغان ۋە ئاۋام پالاتاسى بۇنى 40 مىليارد دوللارغا چىقارغان ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

1829558
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 40 مىليارد دوللارلىق ئۇكرائىنا ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ ئۇكرائىنا ئۈچۈن تەلەپ قىلغان ياردەم لايىھەسىنى 11 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، ئۈچ ئاۋازنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى ۋە 86 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تەستىقلىدى. لايىھەنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن پىرېزىدېنت جو بايدىن تەستىقلىشى كېرەك.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېنمۇ ئامېرىكا ئارمىيەسى تەركىبىدىن ئۇكرائىناغا بېرىلىدىغان 100 مىليون دوللار قىممىتىدىكى 10-ھەربىي ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا: «پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ پەرمانى بويىچە ئۇكرائىنانىڭ مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەركىبىدىكى قىممىتى 100 مىليون دوللار بولغان 10-قېتىملىق قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى تەستىقلىدىم. بۇنىڭ بىلەن، رۇسىيە ئۇكرائىنانى 24-فېۋرال (2022) زالىملارچە ۋە سەۋەبسىز ئىشغال قىلىشنى باشلىغاندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان قورال-ياراغ ياردىمى 3.9 مىليارد دوللارغا چىققان بولدى» دېدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر