تۇنىس دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر قولۋاق چۆكۈپ كەتتى

تۇنىس دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان قولۋاق چۆكۈپ كەتتى، تۆت كۆچمەن جېنىدىن ئايرىلدى.

1829591
تۇنىس دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر قولۋاق چۆكۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس تاپ (TAP) خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنى نەقىل قىلغان خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، تۇنىسنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان سافاكېس دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر قولۋاقنىڭ سۇغا چۆكۈپ كەتكەنلىكى ئۇچۇرىنىڭ كېلىشى بىلەن ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى باشلانغان.

خادىملارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، قولۋاقتىكى 44 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىنغان، تۆت كۆچمەننىڭ جەسىتى تېپىلغان.

 ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن 10 كىشىنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، قولۋاقتىكى كۆچمەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇنىسلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئافرىقانىڭ شەرقىگە جايلاشقان تۇنىس ۋە لىۋىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر ئاقدېڭىزدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن ياۋروپاغا بارماقچى بولغان كۆچمەنلەر ئۈچۈن چىقىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى مىڭلارچە كۆچمەن تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش ئارزۇسى بىلەن ئافرىقادىن ئاقدېڭىز ئارقىلىق يولغا چىقىدۇ. كۆچمەنلەرنىڭ بىر قىسمى ياۋروپاغا يېتىپ بارالىسىمۇ، لېكىن يەنە بىر قىسمى دېڭىزدا جېنىدىن ئايرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر