رۇسىيە ئارمىيەسى 24 سائەتتە 200 ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالدى

ئۇكرائىنا ئارمىيە باش ئىشتابى رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرالدىن 19-مايغىچە (2022) بولغان ئارىلىقتا تارتقان تالاپەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

1829315
رۇسىيە ئارمىيەسى 24 سائەتتە 200 ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيە باش ئىشتابى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەتتە 200 ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇكرائىنا ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ جەمئىي 28 مىڭ 500 ئەسكىرىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا، 203 ئايروپىلان، 167 تىك ئۇچار، 1 مىڭ 254 تانكا، 3 مىڭ 63 بىرونىۋىك، 595 زەمبىرەك، 199 راكېتا ئاتار، 93 ھاۋا قوغدىنىش سىستېمىسى، 2 مىڭ 157 ھەربىي ئاپتوموبىل، 13 ھەر خىل تىپتىكى پاراخوت، 455 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ پاچاقلىنىپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

بىلدۈرۈلىشىچە، رۇسىيە ئارمىيەسى ئاتقان 103 باشقۇرۇلىدىغان بومبىمۇ ھاۋادا پاچاقلىنىپ تاشلانغان.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 25-مارتتا (2022) بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنادا 1 مىڭ 351 ئەسكەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر