ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەيئەتلەر ئارا مۇزاكىرە توختىتىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسى مەسلىھەتچىسى مىخايىل پودولياك ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەيئەتلەر ئارا مۇزاكىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1828630
ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەيئەتلەر ئارا مۇزاكىرە توختىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىخايىل پودولياك 24-فېۋرالدا ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ كۆپ ئۆزگەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

پودولياك رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى تېخىچە چۈشەنمەيۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ھەيئەتلەر ئارا مۇزاكىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پودولياك: «مۇزاكىرە مۇساپىسى ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەتنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىغا باغلىق. ئىستانبۇل خىتابنامىسىدىن كېيىن مۇھىم ئۆزگىرىش ۋە ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ مۇزاكىرە توختىتىلدى. رۇسىيە تېخىچە قېلىپلاشقان چەۈشەنچىسىنى ساقلاپ كەلمەكتە. روسىيە ئۇرۇش باشلانغىنىغا 82 كۈن بولغاندىمۇ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ دەسلىپىدىنلا ئۇلار ئويلىغاندىن پەرقلىق  بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيۋاتىدۇ. ئەمما مەن شۇنى تەكىتلەيمەنكى، ھەر قانداق ئۇرۇش ھامان مۇزاكىرە ئۈستىلىدە ئاخىرلىشىدۇ» دېدى.

رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ھەيئەتلىرى ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بېلورۇسىيەنىڭ گومېل ۋە برېست شەھەرلىرىدە ئۈچ قېتىم ۋە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە بىر قېتىم يۈزتۇرانە مۇزاكىرىلەشكەن ئىدى.

 29-مارت ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىدە، ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىلگىرىلەش بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر