ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئىسسىقلىق گىرادۇسى 100 ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ

كېلىمات ئۆزگىرىشى ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالى  بىلەن پاكىستاننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 100 ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

1828944
ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئىسسىقلىق گىرادۇسى 100 ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «BBC» نىڭ خەۋىرىدە، ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەتلىك ھاۋارايى ئىدارىسىىنىڭ تەتقىقاتىدا، كېلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالى  بىلەن پاكىستاننىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەش ئېھتىماللىقى بىلدۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

تەتقىقاتتا، رايوننىڭ ھەر ئۈچ يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان 2010-يىلىدىكى رېكورت دەرىجىلىك گرادۇستىنمۇ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ئىسسىقلىق دولقۇنىغا دۇچ كېلىدىغانلىقى تەكىتلەندى  ۋە كېلىمات ئۆزگىرىشنىڭ تارىختىكى رېكورتنى بۇزۇش خاراكتېرلىق ئىسسىقلىقىنىڭ 100 ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

كېلىمات ئۆزگىرىشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئاخىرقى مەزگىللەردە، ئىككى دۆلەتنىڭ بەزى رايونلىرىدا 50 گرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن پەۋقۇلئاددا يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ ھەر 312 يىلدا بىر قېتىم كۆرۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تەتقىقاتتا، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ھىندىستان ۋە پاكىستاندا ئاساسەن دېگۈدەك ھەر يىلى ئوخشاش يۇقىرى گرادۇسنىڭ كۆرۈلىشى مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر