شىۋېتسىيە ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلىدى

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئان لىندە (Ann Linde) ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلىدى.

1828149
شىۋېتسىيە ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئان لىندە مىنىستىرلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا، ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىغا قول قويدى. مۇراسىم تېلېۋىزىيەدە نەق مەيداندىن تارقىتىلدى.

ئۇ دۆلىتى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئىشنى قىلغانلىقىنى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە فىنلاندىيە بىلەن بىرلىكتە ئىلتىماسنى ناتوغا تاپشۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ماگدالېنا ئاندېرشون (Magdalena Andersson) پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر