بايدىن كۇباغا قارىتىلغان بەزى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ كوباغا قويغان بەزى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلدى.

1828384
بايدىن كۇباغا قارىتىلغان بەزى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ، سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ دەۋرىدە كۇباغا چەكلىمە قويۇش توغرۇلۇق چىقىرىلغان بەزى قارارلارنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى، بايدىننىڭ بۇ قارارى ئارقىلىق، كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋانا سىرتىدىكى شەھەرلەرگە ئايروپىلان سەپەرلىرى ۋە ئائىلىلەرنىڭ بىرلىشىشى پىروگراممىلىرىنىڭ قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  كۇباغا ئوقۇش ياكى سودا مەقسىتىدە زىيارەت قىلىشقىمۇ ئىجازەت بېرىلىدىغانلىقى، بۇ دۆلەتكە ھەر 3 ئايدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 1000 دوللار پۇل ئەۋەتىش چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر