تۇنىس ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئۆيىدە پارتىلاش يۈز بەردى
تۇنىس ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى تەۋفىق شەرافەددىننىڭ ئۆيىدە گاز ئېقىپ كېتىش سەۋەبىدىن پارتىلاش يۈز بەردى.
1827759
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس يەرلىك تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مىنىستىر پارتىلاشتا ساق-سالامەت قۇتۇلۇپ قالغان، ئەمما ئايالى يارىلانغان ۋە دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغان.
مىنىستىر شەرافەدىننىڭ ئۆيى يېنىك تىپتىكى ماددى زىيانغا ئۇچرىغان.