جەنۇبىي كورېيەدە بىر تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

جەنۇبىي كورېيەنىڭ سېئونژا تېغى ئەتراپىدا بىر تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، ئىچىدىكى ئۈچ كىشىدىن بىرى جېنىدىن ئايرىلدى، ئىككى كىشى ئېغىر يارىلاندى.

1827543
جەنۇبىي كورېيەدە بىر تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيەنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان جېيوژى شەھىرىگە جايلاشقان سېئونژا تېغى ئەتراپىدا شۇ يەر ۋاقتى 08.40 ئۆتكەندە بىر تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى.

تاغدىكى يول قۇرۇلۇشلىرى ئۈچۈن بەزى ئۈسكۈنە-ئەسلىھەلەرنى توشۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن تىك ئۇچاردا، ئىككى ئۇچقۇچى ۋە بىر ئىنژېنېرنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى.

تىك ئۇچاردىكى كىشىلەرنىڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلىقى ۋە بىر ئۇچقۇچىنىڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي جېنىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر