ئامېرىكادا مۇسۇلمانلارغا ئايرىمچىلىق قىلىش قىلمىشلىرى كۆپەيمەكتە
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا مۇسۇلمانلارغا ئايرىمچىلىق قىلىش قىلمىشلىرى 2021-يىلى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا% 9 كۆپىيىپ كەتكەن.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلات بولغان ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشىنىڭ، 2021 - يىلىدىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرى توپلانغان دوكللاتىدا، 2021 – يىلى، پىكىر ئەركىنلىكى، ئۆچمەنلىك جىنايەتلىرى، فىزىكىلىق ھۇجۇم ۋە مەكتەپلەردىكى ئايرىمچىلىق قىلمىشلىرىغا ئالاقىدار 6720 ئەرز-شىكايەت قىلىنغانلىقى، بۇنىڭ 2020 – يىلىغا سېللىشتۇرغاندا % 9 كۆپىيىش دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىىغانلىقى قەيت قىلىندى.
دوكلاتتا، ئاياللارنى بېشىنى ئېچىشقا زورلاش، پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، فىزىكىلىق ھۇجۇم قاتارلىق ئۆچمەنلىك ۋە گۇمان بىلەن قاراش قىلمىشلىرىنىڭ % 28 كۆپىيىپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشىنىڭ مىللىي ئىشلار دىرېكتورى نىھاد ئاۋاد، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا سىستېمىلىق رەۋىشتىكى ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ جەمئىيەتكە داۋاملىق تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى، ئۆزىنىڭ سىياسەتلىرىدىكى قۇرۇلمىلىق ھالدىكى مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشتەك تار رامكىلىق كۆز قارىشى ۋە مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان پۇقرالار ھوقۇقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك. ئېلىمىزدىكى ھەر بىر كىشى ئەركىن-ئازادە ئىبادەت، خىزمەت، ساياھەت قىلالىشى ۋە مەكتەپكە بارالىشى كېرەك.»
ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى 25 ئىشتاتتا ئىش بېجىرىش ئورنى بار بولغان ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى، دۆلەت مىقياسىدىكى مۇسۇلمانلار جامائىيەتلىرىگە قارىتىلغان ئايرىمچىلىق ۋە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ۋەقەلىرىنى كۆزىتىپ، بۇ ھەقتىكى ئەرز – شىكايەتلەرنى دەلىللەيدىغان ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىدىغان تەشكىلات، دەپ بلىنىدىكەن.