رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 215 نەپەر ئۇكرائىنالىق كىچىك بالا قازا قىلدى
رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھۇجۇملىرىدا 215 نەپەر كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 391 نەپەر كىچىك بالا يارىلاندى.
1817495
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ بومباردىمانلىرىدا 1500 دىن ئارتۇق مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 102 مۇئەسسىسەنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى باشلانغان 24-فېۋرالدىن بۈگۈنگە قەدەر، 215 نەپەر كىچىك بالىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 391 نەپەر كىچىك بالىنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.