ۋاشىنگتوندا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى كولۇمبىيە رايونى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەتراپىدا قوراللىق ھۇجۇم بېرىپ، بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كىشى يارىلاندى.

1816829
ۋاشىنگتوندا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاشىنگىتون ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىچە بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى كولۇمبىيە رايونى ئۇنىۋېرسىتېتى قورۇسى ئەتراپىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن، ھۇجۇمدا بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كىشى يارىلانغان.

باياناتتا، يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ساقچى تەرەپ، كولۇمبىيە رايونى ئۇنىۋېرسىتېتى قورۇسىدىكى كىشىلەر ۋە رايون ئاھالىسىنى ئۆي – ماكانلىرىدىن سىرتقا چىقماسلىققا چاقىرغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ۋەقە تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر