گوللاندىيە: مۇرەسسەچىلىك مەسىلىسىدە ئەردوغاننىڭ ئالاھىدە رولى بار

گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسەچىلىك مەسىلىسىدە ئالاھىدە رولىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

1816783
گوللاندىيە: مۇرەسسەچىلىك مەسىلىسىدە ئەردوغاننىڭ ئالاھىدە رولى بار

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇتتې، تۈنۈگۈن مىنىستىرلار كېڭىشىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ موسكۋا بىلەن كىيېۋ ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسەچىلىك مەسىلىسىدە ئالاھىدە رولى بار. دەرۋەقە، ئەردوغان بۇنى ئىشقا ئاشۇرالىغان غەرب ئەللىرى رەھبەرلىرىدىن سىرتقى ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىن بىرىدۇر. باشقىلىرى ئىسرائىلىيەدىن نافتالى بېننېت بىلەن ھىندىستاندىن نارېندرا مودىدۇر. بۇ ھەقتە تۈركىيەنى ئالاھىدە دۆلەتكە ئايلاندۇرغان ئامىل بولسا، تۈركىيەنىڭ باشقا ئەللەرنىڭ دەل ئەكسىچە رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئەيىبلىيەلىشىدۇر.»

ئۇ، تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسەچىلىك مەسىلىسىدە تۇتۇۋاتقان كەسكىن پوزىتسىيەسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. دەرۋەقە، گوللاندىيەنىڭ ئۇكرائىنانى تېخىمۇ قويۇق شەكىلدە قوللىشى ئۈچۈن ھەمراھلىرىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ئىزچىل دىيالوگ ئورنىتىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر