نورۋېگىيە ئۇكرائىناغا ئايروپىلان ئاتار، ئامېرىكا ئايروپىلان زاپچاسلىرى بەردى

نورۋېگىيەنىڭ ئۇكرائىناغا 100 دانە ئايروپىلان ئاتار، ئامېرىكانىڭ ئايروپىلان زاپچاسلىرى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بولسا ئايروپىلان ۋە ئوخشىمىغان ھەربىي ياردەملەرنى قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1815342
نورۋېگىيە ئۇكرائىناغا ئايروپىلان ئاتار، ئامېرىكا ئايروپىلان زاپچاسلىرى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىناغا ئېغىر تىپلىق قورال ۋە ھەربىي مالزىمە ياردەم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

بېلگىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، بۈگۈن (20-ئاپرېل) ئالېكساندېر دېكرو رىياسەتچىلىكىدە توپلىنىدىغان فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى، ئىلگىرى ئۇكرائىناغا قىلىنغان ياردەملەرگە ئىلاۋە ياردەم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. بۇ دائىرىدە، ئۇكرائىناغا بىرونىۋىكلار ۋە بومباردىمان قوراللىرىنى ئەۋەتىشنىڭ كۈنتەرتىپتە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

بېلگىيە فېۋرال ئېيىدا (2022) ئۇكرائىناغا 5 مىڭ ئاپتوماتىك قورال، 200 تانكا ئاتار ۋە 3 مىڭ 800 توننا يېقىلغۇ ياردەم قىلغان ئىدى.

بۇ ياردەملەرنىڭ بېلگىيە ئارمىيەسىنىڭ قورال ئىسكىلاتلىرىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى، يېڭى ياردەملەرنىڭ بولسا بۇنداق قىلىنمايدىغانلىقى، بەلكى سېتىۋېلىش يولى بىلەن ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نورۋېگىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئۇكرائىناغا فىرانسىيەدە ياسالغان 100 دانە مىسترال ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

نورۋېگىيەنىڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىيورلد ئارىلد گرام مىسترال باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ئۇكرائىناغا پايدىلىق زامانىۋى ۋە تەسىرى كۈچلۈك قورال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۇكرائىناغا ئوخشاش قورال سىستېمىلىرىنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نورۋېگىيە رۇسىيە ئۇرۇش باشلىغان 24-فېۋرالدىن بۇيان ئۇكرائىناغا 4 مىڭ تانكا ئاتار ۋە ھەربىي ئەھلىھەلەرنى ئەۋەتتى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي مارت ئېيىنىڭ (2022) ئاخىرىدا نورۋېگىيە پارلامېنتىغا ئەۋەتكەن ۋىدېئوسىدا، ئوسلودىن ھاۋا قالقان سىستېمىلىرى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) باياناتچىسى جون كىربى ئۇكرائىناغا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئايروپىلان ياردەم قىلغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ بولسا ئايروپىلان زاپچاسلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇ بىر قېتىملىق كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇكرائىناغا قورال ياردىمى ۋە ھەربىي ئەسلىھە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

ئۇ بىر سوئالغا: «ھازىر ئۇكرائىنالىقلارنىڭ ئىككى ھەپتە بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ كۆپ ئايروپىلانى بار. بۇ تەسادىپىيلىق ئەمەس. بۇ، ئۇلار بىلىدىغان ئايروپىلان تۈرىدىن تەمىنلەنگەنلىكى ئۈچۈن» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

ئۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىناغا ئايروپىلان بەرگەن-بەرمىگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا: «بەك تەپسىلىي توختالماستىن شۇنى دېيەلەيمەنكى، باشقا دۆلەتلەر ئىلاۋە ياردەملەرنى قىلدى. ئۇكرائىنا بۇنىڭدىن باشقا، چەكلىك مىقداردا ئايروپىلان ۋە زاپچاسلارنىمۇ ئالدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇرۇنقىدىن كۆپ ئايروپىلان ئالدى ۋە بۇ ئايروپىلانلارنى كۆكتە ئۇزۇن ئۇچۇرۇش ئۈچۈن زاپچاسلارنى ئالدى» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

ئۇ ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا ئايروپىلان بەرمىگەنلىكىنى، ئەمما زاپچاس بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر