زېلېنسكىي دونباس ئۇرۇشىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي: «ھازىر رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان تەييارلىق قىلغان دونباس ئۇرۇشىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتالايمىز» دېدى.

1814389
زېلېنسكىي دونباس ئۇرۇشىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئېلان قىلغان ۋىدېئو نۇتۇقىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ دونباسقا ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى، ئەمما قانچىلىك رۇس ئەسكىرى ئەۋەتىلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ رايوننى ۋە دۆلىتىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «ھازىر رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان تەييارلىق قىلغان دونباس ئۇرۇشىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتالايمىز. رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كۆپ قىسمى ھۇجۇمغا مەركەزلەشتى. ئۇ يەرگە قانچىلىك رۇس ئەسكىرى ئەۋەتىلىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئۇرۇشىمىز. قارا دېڭىزىمىزنى قوغدايمىز. ھەر كۈنى شۇنداق قىلىمىز. ئۇكرائىنانىڭ ھېچقانداق شەيئىيسىدىن ۋاز كەچمەيمىز» دېدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئولېكسىي ئارېستوۋىچ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە يېڭى ھۇجۇم باشلاپ رايوننى قولغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بىر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، رۇسىيە باشلىغان يېڭى ھۇجۇمدا تۆت مەقسەتنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، رۇسىيەنىڭ بۇ نىشانلىرىغا يېتەلمەيدىغانلىقىنى ۋە ھۇجۇمنىڭ 17-ئاپرېل (2022) باشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاساسەن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى مۇداپىئە لىنيەسىنى بۇزۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بىرىنچى ۋەزىپىسىنىڭ لۇخانسك رايونىدىكى رۇبېژنو-پوپاسنايا-سېۋېرودونېتسك لىنيەسىدىكى زېمىنلارنى قولغا كىرگۈزۈش ئىكەنلىكىنى؛ بۇ ئارقىلىق پۈتكۈل رايوننى ئۇكرائىنانىڭ باشقا رايونلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئىككىنچى نىشانىنىڭ خاركىۋ رايونىدىكى ئىزيۇمدىن سلاۋيانسك ۋە كراماتورسكقىچە بولغان رايونغا ھۇجۇم قىلىپ، بۇ رايونلارنى قولغا كىرگۈزۈش ئىكەنلىكىنى؛ رۇسىيەنىڭ باشقا نىشانلىرىنىڭ بولسا، زاپورىژۋانىڭ گۇليايپول رايونى ۋە مارىيۇپولنى قولغا كىرگۈزۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلىمۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى تاكتىكىلىق باتالىيون سانىنى 76 گە چىقارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

رۇسىيەنىڭ تاكتىكىلىق باتالىيونلىرىدا 800 دىن 1000 غىچە ئەسكەر بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر