پاكىستاننىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتى ۋەزىپىسىنى باشلىدى

پاكىستاندا باش مىنستىر شاھباز شەرىفنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قەسەم قىلىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.

1814641
پاكىستاننىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتى ۋەزىپىسىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكسىتان تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا، پاكىستان پىرېزىدېنتى ئارىف ئالۋىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى سەۋەبىدىن پىرېزىدېنت ۋەكىلى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد سادىق سانجرانى رىياسەتچىلىك قىلغان.

پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم، قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.

مۇراسىمدا، مۇھەممەد سادىق سانجرانى ئوقۇغان قەسەم تېكستىنى ئەگىشىپ ئوقۇغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئەزالىرى، ۋەزىپىسىنى رەسمىي باشلىدى.

خەۋەرلەردە، ئەسلىدە تۈنۈگۈن (18-ئاپرېل) مۇراسىمنىڭ پىرېزىدېنت ئارىف ئالۋىنىڭ سالامەتلىكى سەۋەبىدىن بۈگۈنگە (19-ئاپرېل) كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پاكىستان يېڭى كابېنتىدا 31 فېدېراتسىيە مىنىستىر، ئۈچ مۇئاۋىن مىنىستىر بار. كېيىنكى كۈنلەردە كابېنتنىڭ كېڭەيتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر