بىرمادىكى ھەربىي ھۆكۈمەت 1619 مەھبۇسنى قويۇپ بېرىدىغان بولدى

بېرمادىكى ھەربىي ھۆكۈمەت ئەنئەنىۋى يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 1619 مەھبۇسنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1813748
بىرمادىكى ھەربىي ھۆكۈمەت 1619 مەھبۇسنى قويۇپ بېرىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «MRTV» تېلېۋىزىيە قانىلى بىرمانىڭ ھەربىي رەھبىرى گېنېرال مىن ئاڭ خىلاڭنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 42 نەپىرى چەت ئەللىك بولۇپ، جەمئىي 1619 مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلغانلىقىنى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياڭگوندىكى ئىنسېن تۈرمىسىدىكى بىر مەسئۇل خادىم ھازىرغىچە 160 مەھبۇسنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدە سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلەرنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

سابىق سىياسى مەھبۇسلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى تۇن كىيى بولسا، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلمەسلىكىنىڭ ھەيران قالارلىق ئەمەسلىكىنى، چۈنكى گېنېرالنىڭ ھەربىي ھۆكۈمىتىگە قارشى چىققانلارنى جىنايەتچى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر