«ئىستانبۇل باسقۇچى ئۇكرائىنادا تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەت»

ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى كارل نېھاممېر ئىستانبۇل باسقۇچىنىڭ ئۇكرائىنادا تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1812687
«ئىستانبۇل باسقۇچى ئۇكرائىنادا تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەت»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى كارل نېھاممېر، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۆزىنىڭ موسكۋا زىيارىتى ھەققىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ىستانبۇل باسقۇچى ئۇكرائىنادا تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر، بۇ ھەقتە بىزنىڭ قارىشىمىز جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭكى بىلەن ئوخشاشتۇر. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئاۋسترىيە ئەمدى ئاكتىپ بىتەرەپ سىياسەتلىرى بىلەن ھەر دائىم تىنچلىققا تۆھپە قوشىدۇ.»

ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى كارل نېھاممېر، 9 – ئاپرېل كۈنى ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا قىلغان زىيارىتى دائىرىسىدە تۈرلۈك ئۇچرىشىشلاردا بولغان، بۇچانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان جايلارنى كۆزدىن كەچۈرگەنىدى.

ئۇ، كىيېۋ زىيارىتىدىن كېيىن، 11 – ئاپرېل كۈنى موسكۋاغا يېتىپ بېرىپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانىدى، ھەمدە پۇتىن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىنىڭ قىيىن شارائىت ئاستىدا ئۆتكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر