ئارگېنتىنادا ئون مىڭلارچە كىشى نامايىش ئۆتكۈزدى

ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بۇئېنۇس ئايرېستا ئون مىڭلارچە كىشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتتىن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ياردەملىرى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار سانىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

1812026
ئارگېنتىنادا ئون مىڭلارچە كىشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاممىۋى ۋە سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن شەھەر مەركەزلىرىنىڭ ھەرقايسى نۇقتىلىرىغا يىغىلغان گۇرۇپپىلار، پىرېزىدېنت مەھكىمىسى بىناسى Casa Rosada نىڭ ئالدىدىكى ماي مەيدانىغا قاراپ ماڭدى.

كۆپىنچىسى سول قانات گۇرۇپپىلاردىن تەشكىل تاپقان نامايىشچىلار، ۋىۋىسكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن شىكايەت قىلدى ھەمدە، ھۆكۈمەتتىن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ياردەملىرى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار سانىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

نامايىشلار سەۋەبىدىن، بۇئېنۇس ئايرېسنىڭ مەركىزىدە قاتناش توختاپ قالدى.

ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى ئالبېرتو فېرناندېز، 28-يانۋار كۈنى، دۆلىتىنىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) بىلەن قەرز تۆلەش كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، 1-مارت كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ قەرزلەرنىڭ، 2026-يىلى تۆلىنىشكە باشلىنىپ، 2034-يىلى ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر