لاۋروۋ غەربنىڭ ئۇكرائىنانى دونباس مەسىلىسىنى كۈچ ئىشلىتىپ ھەل قىلىشقا قىستىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

سېرگېي لاۋروۋ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق موسكۋا دۆلەتلىك دىپلوماتىيە ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «رەقەملىك خەلقئارا مۇناسىۋەت — 2022» ناملىق يىغىنىدا سۆز قىلدى.

1812337
لاۋروۋ غەربنىڭ ئۇكرائىنانى دونباس مەسىلىسىنى كۈچ ئىشلىتىپ ھەل قىلىشقا قىستىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنانى دونباس مەسىلىسىنى زورلۇق بىلەن ھەل قىلىشقا ئىتتىرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «كىيېۋ دونېتسىك ۋە لۇخانسكقا قارشى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى» دېدى.

سېرگېي لاۋروۋ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق موسكۋا دۆلەتلىك دىپلوماتىيە ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «رەقەملىك خەلقئارا مۇناسىۋەت — 2022» ناملىق يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا 24-فېۋرالدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئۇرۇش توغرىسىدىكى سۆزى جەريانىدا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «غەرب دۆلەتلىرى 8 يىل بويىچە كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ مىنسىك كېلىشىمىگە بويسۇنماسلىق ئىستىكىنى قوللىدى، ئۇلارنى دونباس مەسىلىسىنى زورلۇق بىلەن ھەل قىلىشقا مەجبۇرلىدى. كىيېۋ دونېتسىك ۋە لۇخانسكقا قارشى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى» دېدى.

لاۋروۋ غەربنىڭ نورمال ئالاقە يوللىرىنى تاقاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، رەقەملىك دىپلوماتىيەنىڭ كۆز قاراشلارنى چەت ئەلدىكى كۆزلەنگەن نۇقتىغا يەتكۈزىدىغان بىردىنبىر يول ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «غەرب ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى باھانە قىلىپ بىزگە قارشى ئارىلاشما جەڭ ئېلان قىلدى. بۇ ئۇرۇش ئۇچۇر ساھەسى قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيەنىڭ ئۆزىنى يالغۇزلاشتۇرمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن لاۋروۋ: «نۆۋەتتىكى كىرىزىس ھەر قانداق ساھەدىكىگە ئوخشاش تەرەققىيات ئۈچۈنمۇ قوشۇمچە پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېدى.

رۇسىيەنىڭ ئىنتېرنېت باشقۇرۇش ۋە تور بىخەتەرلىكى ساھەسىدە ئىجابىي ھەمكارلىق ئورنىتىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن رۇس مىنىستىر، موسكۋانىڭ رەقەملىك ساھەدە ئۆز بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ۋە تور سۇپىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر