ب د ت ئۇكرائىنادا جېنىدىن ئايرىلغانلار توغرىسىدا مەلۇمات ئېلان قىلدى

ئۇكرائىنادا رۇسىيە 24-فېۋرال (2022) باشلىغان ئۇرۇش سەۋەبىدىن، ئەڭ ئاز دېگەندە 1 مىڭ 932 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 2 مىڭ 589 كىشى يارىلاندى. 4 مىليون 656 مىڭ 509 كىشى قوشنا دۆلەتلەردە پاناھلاندى.

1812303
ب د ت ئۇكرائىنادا جېنىدىن ئايرىلغانلار توغرىسىدا مەلۇمات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئالىي كومىسسارلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنادىكى مۇساپىرلار كىرىزىسى توغرىسىدا مەلۇماتلارنى ئورتاقلاشتى.

باياناتتا، 24-فېۋرالدىن 12-ئاپرېلغىچە 4 مىليون 656 مىڭ 509 كىشىنىڭ قوشنا دۆلەتلەردە پاناھلانغانلىقى، بۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنىڭ پولشادا ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، پولشادا 2 مىليون 669 مىڭ 637، رۇمېنىيەدە 709 مىڭ 249، ۋېنگىرىيەدە 434 مىڭ 342، رۇسىيەدە 433 مىڭ 83، مولدوۋادا 415 مىڭ 850، سىلوۋېنىيەدە 323 مىڭ 20 ۋە بېلارۇسىيەدە 21 مىڭ 292 كىشىنىڭ پاناھلانغانلىقى؛ دونېتسك بىلەن لۇخانسك رايونلىرىدىن 21-23-فېۋرال كۈنلىرى 113 مىڭ كىشىنىڭ رۇسىيەگە ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ب د ت ئالىي كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى شابىيا مانتۇ (ShabiaMantoo) ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بەزى ئۇكرائىنا مۇساپىرلىرىنىڭ قوشنا دۆلەتلەردە يۆتكىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئومۇمىي ساننىڭ يۇقىرى چىققانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇكرائىنادىن قوشنا دۆلەتلەردە پاناھلانغان يۈز مىڭلارچە ئۇكرائىنالىقنىڭ باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئۆتكەنلىكى بىلىنىدۇ.

ب د ت غا قاراشلىق خەلقئارا كۆچ تەشكىلاتى (IOM) ئۇكرائىنا ئىچىدە 7.1 مىليون پۇقرانىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتىنىڭ باياناتىدا، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدا 24-فېۋرالدىن 12-ئاپرېلغىچە ئەڭ ئاز دېگەندە 1932 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 2 مىڭ 859 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمى ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ بايقالغاندىن كۆپ بولۇش مۇمكىنلىكى ئەسكەرتىلدى.

كۆپىنچە پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىگە، توپ-زەمبىرەك ۋە راكېتا ئاتار سىستېمىلىرىدىن قىلىنغان بومباردىمانلار ۋە ھاۋا بومباردىمانىدىن باشقا، تەسىرى كۈچلۈك پارتلىتىش قوراللىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

ب د ت ئۇكرائىنادىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك پەقەت دەلىللەنگەن رەقەملەرنى ئېلان قىلماقتا.

ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جېنىدىن ئايرىلغان پۇقرالار سانى ئېلان قىلىنغاندىن كۆپ.

ئۇكرائىنا باش تەپتىش مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ھۇجۇم باشلىغان 24-فېۋرالدىن بۈگۈنگىچە (14-ئاپرېل) 197 كىچىك بالىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 351 كىچىك بالىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر