رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى قىسىملىرىنى كۈچلەندۈرۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئارمىيە قىسىملىرىنى كۈچلەندۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1810328
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى قىسىملىرىنى كۈچلەندۈرۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئارمىيە قىسىملىرىنى كۈچلەندۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

باياناتتا: «رۇسىيەدە ھەربىي قىسىملارنى ئالماشتۇرۇش، قوماندانلىق ۋە كونترول قىلىش سىستېمىسىنى كۈچلەندۈرۈش، ھەربىي قىسىملارنى ماددىي ۋە تېخنىكا بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قەدەملەر تاشلانماقتا» دېيىلدى.

بۇنىڭ ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ شەرقىي ۋە مەركىزىي ھەربىي رايونلرىدىن ئۇكرائىنانىڭ چېگراسىغا جايلاشقان بېلگورود، ۋورونېژ ۋە كۇرسك رايونلىرىغا ھەربىي قىسىملارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن باياناتتا: «ئىشغالچىلار خاركىۋ شەھىرىنى قىسمەن قورشاۋغا ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. خاركىۋ شەھىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇرۇشنىڭ شىددەتلىنىش ئېھتىمالى بار» دېيىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنانىڭ لۇخانسك ھەربىي رايونىنىڭ باشلىقى سېرگېي گايداي رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ دونباس رايونىنى پۈتۈنلەي قولغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە دونباستا ئۇرۇشنىڭ شىددەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «رايونغا ئەسكەر ۋە قورال-ياراغلارنىڭ توپلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭغا تەييارلىنىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ رۇبىژنې شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقنى ئاگاھلاندۇردى ۋە مۇنداق دېدى:

«يەنە بىر خىمىيەلىك ھۇجۇم قىلىندى. راكېتا ئاتارلارنىڭ ئوقلىرى رۇبىژنې ئەتراپىدىكى ناترىي كىسلاتا باكىغا چۈشتى. ئۆزەڭلارنى قوغداشقا، يېپىق جايلاردا ئىشىك ۋە دېرىزەلەرنى تاقاشقا دىققەت قىلىڭلار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر