سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇنجى قېتىم  ئوقۇغۇچىلار رامىزاندا تەتىل قىلمايدىغان بولدى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئارىدىن 14 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم رامىزاندا (1-ئاپرېلدىن 1-مايغىچە) مائارىپ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش قارار قىلىندى.

1806520
سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇنجى قېتىم  ئوقۇغۇچىلار رامىزاندا تەتىل قىلمايدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، «دۆلەتكە تەۋە، خۇسۇسىي ۋە چەتئەل مەكتەپلىرى ھەمدە ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە خۇسۇسىي مائارىپ ئورگانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر دەرىجىلىك مائارىپ ساھەسىدىكى 6 مىليوندىن ئارتۇق قىز -ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار مۇقەددەس رامىزان ئېيىنىڭ بىرىنچى يەكشەنبە كۈنى دەرسلىرىنى داۋاملاشتۇردى» دېيىلدى.

باياناتتا، بىلىم ئېلىشنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنىڭ رامىزاندا تېخىمۇ بەك نامايان بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.  

سەئۇدى ئەرەبىستاندا روزا تۇتقان ئوقۇغۇچىلارغا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن  ھەر رامىزاندا مائارىپ پائالىيەتلىرى توختىتىلىپ، تەتىل قىلىناتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر