كىيېۋ رايونىدا 410 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىدىن ئازاد قىلىنغان جايلىرىدا 410 پۇقرانىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1806730
كىيېۋ رايونىدا 410 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا باش تەپتىشى ئىرىنا ۋېنېدىكتوۋا (İrina Venediktova) رۇسىيە ئارمىيەسىدىن ئازاد قىلىنغان كىيېۋ رايونىدا 410 پۇقرانىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىدىن ئازاد قىلىنغان كىيېۋ رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلرىدا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇ خىزمەتلەرگە ئەدلىيە تەپتىش خادىملىرى، پارتلاتقۇچ ماددا مۇتەخەسسسىسلىرى، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى، ئەدلىيە دوختۇرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ كىيېۋ ئەتراپىدىكى ئازاد قىلىنغان تۇرالغۇ جايلىرىدا 410 پۇقرانىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «كىيېۋ رايونىنىڭ ئازاد قىلىنغان جايلىرىدا رۇسىيەنىڭ رەھىمسىزلەرچە ئۆتكۈزگەن ئۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىسپاتلىرى بار. بۇ يەر، بىزنىڭ زېمىنلىرىمىزدا بۇ جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش ئۈچۈن ھۆججەتلەندۈرۈلۈشى كېرەك بولغان بىر جەھەننەمدۇر» دېدى.

ئۇ ۋەقەنىڭ گۇۋاھچىلىرى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى تېپىش خىزمەتلىرى، ھەمدە جىنايەتنىڭ فوتو-سۈرەت ۋە ۋىدېئولىرىنى توپلاش خىزمەتلىرىنىڭمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ جەرياندا، ئۇكرائىنا باش تەپتىش مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمانلىرىدا 869 مەكتەپنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 83 مەكتەپنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا يەنە، رۇسىيە ئۇرۇش باشلىغان 24-فېۋرالدىن (2022) بۈگۈنگىچە 161 كىچىك بالىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، 264 كىچىك بالىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر