دۇنيا رۇسىيەنىڭ بۇچا شەھىرىدىكى ۋەھشىيلىكىنى ئەيىبلىمەكتە

ناتو ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇكرائىنانىڭ بۇچا شەھىرىدە پۇقرالارغا قارشى يۈرگۈزۈلگەن قىرغىنچىلىقلارنى شىددەت بىلەن ئەيىبلىدى.

1806859
دۇنيا رۇسىيەنىڭ بۇچا شەھىرىدىكى ۋەھشىيلىكىنى ئەيىبلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى پۇقرالارغا يۈرگۈزگەن «ۋەھشىيلىك» لەرنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ۋە جاۋابكارلارنىڭ سوتلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئامېرىكا س ن ن تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «بىرلىكنىڭ ئەھۋالى» ناملىق پىروگراممىغا قاتناشتى.

ئۇ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «بۇ، بىز ياۋروپادا بىر قانچە ئون يىلدىن بېرى كۆرمىگەن پۇقرالارغا قىلىنغان ۋەھشىيلىك. پۇقرالارنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشىنى ۋە ئۆلتۈرۈلۈشىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ ۋەھشىيلىكلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بۇ ئۇرۇشنى توختىتىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ خەلقئارا جىنايى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ئۈستىدە دېلو تۇرغۇزۇشى، بارلىق ھەقىقەتلەرنى ئاشكارىلىشى ۋە جاۋابكارلارنى سوتقا تارتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ سەۋەبتىن، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قىلىنىۋاتقان تەكشۈرۈشنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىمەن» دېدى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنانىڭ بۇچا شەھىرىدە ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرالارنىڭ جەسەتلىرىدىن چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش باشلاشنى چاقىرىق قىلىپ: «مۇستەقىل تەكشۈرۈش، سوتقا تارتىش ئۈچۈن زۆرۈر» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بۇچا شەھىرىدە تېپىلغان پۇقرالارنىڭ جەسەتلىرى مەسىلىسىدە رۇسىيەنى ئەيىبلىدى.

ئۇ تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ: «بۇچادا ۋە پۈتكۈل ئۇكرائىنادا كرېمىل كۈچلىرىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى شىددەت بىلەن ئەيىبلەيمىز» دېدى.

ئۇ پۇقرالارغا يۈرگۈزۈلگەن قەلىئامنىڭ جاۋابكارلىرىنى جازالاش ئۈچۈن قوللىرىدىكى بارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىدىغانلىقلىرىنى، يۈز بەرگەن ۋەھشىيلىكلەرنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ئورتاقلىشىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسونمۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىرپىن ۋە بۇچا شەھەرلىرىدە بىگۇناھ پۇقرالارغا قىلغان «پەسكەشلەرچە ھۇجۇملىرى» نىڭ، پۇتىن ۋە ئارمىيەسىنىڭ «ئۇرۇش جىنايىتى» ئۆتكۈزگەنلىكىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

باش ۋەزىر بورىس جونسون يازما باياناتىدا، كرېمىلنىڭ ئىنكارلىرى ياكى تەتۈر تەشۋىقات قىلىشىنىڭ، ھەممە توغرا ئىكەنلىكىنى بىلگەن شەيئىيلەرنى يوشۇرالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «پۇتىن ئامالسىز، ئىشغال ھەرىكىتى مەغلۇب بولماقتا. ئۇكرائىنانىڭ قەتئىي ئىرادەسى ھېچقاچان بۇنچىلىك كۈچلۈك بولۇپ باقمىغان ئىدى» دېدى.

ئۇ ئەنگلىيەنىڭ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇكرائىنادا ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەر توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشىنى قوللاش سېپىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇكرائىناغا يېڭى مۇتەخەسسىس تەپتىش خادىملىرىنىڭ ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، گىرېتسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇچادا پۇقرالارغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەر كىشىنى چۆچۈتىدۇ. جىنايەتچىلەر سوتقا تارتىلىشى كېرەك» دېدى.

ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دراگى يازما باياناتىدا، بۇچا ۋە باشقا شەھەرلەردىن كەلگەن فوتوگراف ۋە ۋىدېئولارنىڭ «كىشىنى چۆچۈتىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

ئۇ: «قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق پۇقرالارغا يۈرگۈزۈلگەن قەتلىئام ۋەھشىيلىكى ناھايىتى قورقۇنچلىق ۋە چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ. رۇسىيە دائىرىلىرى دەرھال دۈشمەنلىك قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، پۇقرالارغا قىلىنىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنى توختىتىشى ۋە يۈز بەرگەن ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ھېسابىنى بېرىشى كېرەك. ئىتالىيە بۇ ۋەھشىيلىكنى قەتئىيلىك بىلەن ئەيىبلەيدۇ، شۇنداقلا ئۇكرائىنا ۋە خەلقى بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ» دېدى.

ئىسپانىيە باش مىنستىرى پېدرو سانچېزمۇ پايتەخت مادرىدتا قىلغان سۆزىدە، بۇچا شەھىرىدىن چېكىنگەن رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئارقىسىدا قالدۇرغان پۇقرالارنىڭ ئۆلۈملىرىگە مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ، ئۇرۇش جىنايىتى ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ: «بۇ ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ جازاسىز قالماسلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدىغان مەزكۇر ۋەقەگە سەۋەبچى بولغانلارنىڭ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە سوتقا تارتىلىشى ئۈچۈن مۇمكىن بولغان ئىمكانىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلىنىمىز» دېدى.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى 1-ئاپرېل (2022) پايتەخت كىيېۋ ئەتراپىدىكى بۇچا شەھىرىنى رۇسىيە ئارمىيەسىدىن ئازاد قىلغاندا، خارابىلىككە ئايلانغان ۋە كوچىلىرى جەسەتكە تولۇپ كەتكەن بىر شەھەر دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر