خىتايدا توي قىلىش نىسبىتى قورقۇنچلۇق دەرىجىدە تۆۋەنلىدى

خىتايدا تۇنجى توي قىلغان جۇپلارنىڭ نىسبىتى 2013-يىلىدىن 2020-يىللىرىغىچە بولغان جەرياندا %48.5 تۆۋەنلىدى.

1803755
خىتايدا توي قىلىش نىسبىتى قورقۇنچلۇق دەرىجىدە تۆۋەنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «YuWa» نوپۇس تەتقىقات مەركىزىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، خىتايدا تۇنجى توي قىلغان جۇپلارنىڭ سانى 2013-يىلى 23 مىليون 850 مىڭ بولۇپ، 2020-يىلىغا كەلگەندە 12 مىليون 280 مىڭغا چۈشۈپ قالغان.

ئىقتىسادشۇناس جامېس لياڭ تەتقىقات نەتىجىسى ئۈستىدە توختىلىپ، توي قىلىش نىسبىتىنىڭ تەرەققىي قىلغان ۋە تەرەققىي قىلمىغان رايونلاردا ئوخشاش نىسبەتتە تۆۋەنلىگەنلىكى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. توي قىلىش ۋە پەرزەنت يېتىشتۈرۈش چىقىملىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنىڭ ياشلارنىڭ توي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

دوكلاتتا، خىتايدىكى تۇنجى توي قىلىش يېشىنىڭ بارغانچە يۇقىرى ئۆرلەۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.  ئوتتۇرا دەرەجىلىك تەرەققىي قىلغان ئەنخۇي ئۆلكىسىدە، تۇنجى توي قىلىش يېشى 2008-يىلدىكى ئوتتۇرىچە 26 ياشتىن 2021-يىلىغا كەلگەندە ئوتتۇرىچە 33.31 ياشقا ئۆرلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

جامېس لياڭ خىتايدا بالا بېقىش تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشىنىڭمۇ توي قىلىش يېشىنىڭ بارغانچە كېچىكتۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تەكىتلەپ، ياشلارنى توي قىلىشقا ۋە بالىلىق بولۇشقا تەشۋىق قىلىدىغان سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى، ئۆي-مۈلۈك باھاسى ۋە كىرىدېت بېرىش شارائىتلىرىنىمۇ ئالاھىدە ياخشىلاش لازىملىقىنى تەۋسىيە قىلدى.

تۇنجى توي قىلغان ياشلار سانىنىڭ ئۆزگىرىشى، كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا خىتايدىكى تۇغۇت نىسبىتىگىمۇ  بىۋاسىتە تەسىت كۆرسىتىدىغانلىقى مەلۇم.

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى خىتايدا تەخمىنەن 10 مىليون 620 مىڭ بوۋاق تۇغۇلغان. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سانى 2020- يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 11.5 تۆۋەنلەپ، 2020- يىلدىكى 12 مىليوندىن تۆۋەنلەپ 10 مىليونغا چۈشۈپ قالغان.

2021-يىلى تۇغۇت نىسبىتى ھەر مىڭ ئادەمگە 7.52 بوۋاق توغرا كەلگەن بولۇپ، خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ تۆۋەن نىسبەت دەپ رويخەتكە ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر