ماكرون: «مەن پۇتىننى قاسساپ دېمەيمەن»

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىنغا ئوخشاش، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننى «قاسساپ» دېمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1802795
ماكرون: «مەن پۇتىننى  قاسساپ دېمەيمەن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكرون «France 3» قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرالدا ئۇكرائىنادا باشلىغان ئۇرۇشنى توختىتىشنى خالايدىغانلىقىنى  بىلدۈردى.

ماكرون بۇ ئىشنى قىلىش جەريانىدا، «سۆز ۋە ھەرىكەتتە جىددىيچىلىكنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك» كېرەكلىكىنى ئىپادىلەپ، پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا پۇتىننى «قاسساپ» دېمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز ياۋروپالىقلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جۇغراپىيەمىزنى ۋە تارىخىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، بىز رۇسىيە خەلقىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقىنىمىز يوق» دېدى.

ياۋروپانىڭ موسكۋا بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى «سوغۇق ئۇرۇشقا» قاتناشمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ماكرون، ئۇكرائىنانىڭ مارىيۇپول شەھىرىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى تەشكىللەش توغرىسىدا پۇتىن بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن پولشانىڭ پايتەختى ۋاراشاۋادىكى ئۇكرائىنالىق پاناھلانغۇچىلار لاگېرىنى زىيارەت قىلش جەريانىدا، پۇتىننى «ئۇ بىر قاسساپ» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر