ب د ت ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك رەقەملەرنى ئېلان قىلدى

ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى ئۇكرائىنادىكى مۇساپىرلار كىرىزىسىغا مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

1802815
ب د ت ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك رەقەملەرنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدا، ئۇكرائىنادا ئەڭ ئاز دېگەندە 1119 پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 1790 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 3 مىليون 821 مىڭ 49 مۇساپىرنىڭ قوشنا دۆلەتلەردە پاناھلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، 24-فېۋرالدىن 26-مارتقىچە (2022) ئۇكرائىنادىن 3 مىليون 821 مىڭ 49 مۇساپىرنىڭ قوشنا دۆلەتلەردە پاناھلانغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە پولشادا ئەڭ كۆپ ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئۇكرائىنادىن پولشاغا 2 مىليون 267 مىڭ 103، رۇمېنىيەگە 586 مىڭ 942، مولدوۋاغا 381 مىڭ 395، ۋېنگىرىيەگە 349 مىڭ 107 ۋە سىلوۋېنىيەگە 272 مىڭ 12 مۇساپىرنىڭ ئۆتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، دونېتسك بىلەن لۇخانسك رايونلرىدىن 23-21 –فېۋرالدا 50 مىڭ كىشىنىڭ رۇسىيەگە ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئۇكرائىنادىن قوشنا دۆلەتلەرگە بارغان مۇساپىرلاردىن نۇرغۇنىنىڭ باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئۆتكەنلىكى بىلىنىدۇ.

ب د ت غا قاراشلىق خەلقئارا كۆچ تەشكىلاتى (IOM) ئۇكرائىنادا 6.5 مىليون پۇقرانىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن قوشنا دۆلەتلەرگە ئۆتكەن مۇساپىرلارنى قوشقاندا، يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان ئۇكرائىنالىقلار سانىنىڭ جەمئىي 10 مىليونغا يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىغا ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدا 24-فېۋرالدىن 26-فېۋرالغىچە ئەڭ ئاز دېگەندە، 1119 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان، 1790 پۇقرا يارىلانغان.

باياناتتا، ئەسلىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ، ئېنىقلانغان رەقەمدىن تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر