ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنانىڭ ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى رۇسىيەنى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش جىنايىتىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.

1801673
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنانىڭ ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنىنىڭ ئاخىرىدا ئۇكرائىنا ھەققىدە خىتابنامە قوبۇل قىلدى.

باياناتتا، رۇسىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى ۋە يارىلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، دوختۇرخانا، مەكتەپ ۋە پاناھلىنىش ئورۇنلىرى قاتارلىق پۇقراۋى ئورۇنلارنىڭ زەربە ئوبيېكتى قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«ئۇرۇش جىنايىتى دەرھال توختىتىلىشى كېرەك. جاۋابكارلار خەلقئارا قانۇن ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، مارىيپولدىكى قامالنى ۋە باشقا شەھەرلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشكە توسقۇنلۇق قىلىشنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، رۇسىيە پۇقرالارنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىگە ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا يول قويۇشقا چاقىرىلدى.

رۇسىيەدىن ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش تەلەپ قىلىنغان باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاققا ئەزا بولۇشتىن ئىبارەت تاللىشىنىڭ يېقىندىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى، ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىدىن «ئۇكرائىنانىڭ ئەزا بولۇشى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىشى» تەلەپ قىلىندى.

باياناتتا: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا داۋاملىق سىياسىي، مالىيە، ماددىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىدۇ» دېيىلدى شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى جازالارنى يولغا قويۇشقا تەييار ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24 - فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر