ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا «ئۇرۇش جىنايىتى» سادىر قىلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، ۋاشىنگتوننىڭ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادا «ئۇرۇش جىنايىتى» سادىر قىلغانلىقى توغرىسىدا يەكۈن چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1800938
ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا «ئۇرۇش جىنايىتى» سادىر قىلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئانتونى بلىنكېن، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان پۇقرالار ئۆلۈمى ۋە رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان ھۇجۇملىرىنى باشتىن تارتىپلا يېقىندىن كۆزىتىپ، خاتىرىلەپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ مارىئۇپول شەھىرىدىكى دوختۇرخانا ۋە تىياتىرخانا بىنالىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنىشى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ، «(رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) پۇتىن كۈچلىرى خەلقنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن بۇ خىل تاكتىكىلارنى ئېغىر بومباردىمان قىلىنغان گىروزنى (چېچىنىيە) ۋە ھەلەب (سۈرىيە)تىمۇ ئىشقا سالغانىدى» دېدى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا پۇقرالار ۋە پۇقرالار ئولتۇراق رايونلىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان ھۇجۇملىرىغا دائىر پاكىتلارنىڭ ئوچۇق ياكى دۆلەت بىخەتەرلىك مەنبەلىرىگە تايىنىپ ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بلىنكېن: «ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكالىق سالاھىيەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇكرائىنادىكى سادىر قىلغان بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئۇرۇش جىنايىتى توغرىسىدا پاكىت توپلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدىم. بۈگۈن قولىمىزدىكى مەۋجۇت مەلۇماتلارغا ئاساسەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى توغرىسىدا يەكۈن چىقارغانلىقىنى جاكارلايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ھېسابقا تارتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا «پۇتىننىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىسى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن، بىللىنكېن ئۆزىنىڭ بۇ باياناتقا تولۇق قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

موسكۋا ھۆكۈمىتى بولسا، ئۇكرائىنادا پۇقرالارنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24 - فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر