رۇسىيە «قارشى ئېلىنمايدىغان» ئامېرىكالىق دىپلوماتلارنىڭ تىزىملىكىنى ئامېرىكا تەرەپكە تاپشۇردى

رۇسىيە «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر» دەپ ئېلان قىلغان ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تاپشۇردى.

1801048
رۇسىيە «قارشى ئېلىنمايدىغان» ئامېرىكالىق دىپلوماتلارنىڭ تىزىملىكىنى ئامېرىكا تەرەپكە تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ رۇس دىپلوماتلارنى قوغلاپ چىقىرىش قارارىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر» دەپ ئېلان قىلغان ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تاپشۇردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىنىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرتىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇلتىماتومنىڭ تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ۋاشىنگىتوننىڭ، ب د ت كاتىبات باشقارمىسىدا ۋە ب د ت نىڭ نيۇ يوركتىكى دائىمىي ۋاكالەتخانىسىدا ئىشلەۋاتقان رۇسىيە دىپلوماتلىرىنى چېگردىن قوغلاپ چىقىرىشىغا قارشى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر» دەپ ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ تىزىملىكىنىڭ مەزكۇر  ئۇلتىماتومدىن ئورۇن ئالغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ئۇلتىماتومدا، ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە قارشى تاشلايدىغان ھەر قانداق دۈشمەنلەرچە ھەرىكىتىگە قاتتىق جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنىڭ ئەسكەرتىلگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر