گوللاندىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1799485
گوللاندىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتېنىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە، تۈركىيە – گوللاندىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەر جەھەتتىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە قارىتا تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەۋجۇت رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر