ئامېرىكانىڭ بىرمانىڭ ئاراكاندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى بېكىتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرما ئارمىيەسىنىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» سادىر قىلغانلىقى توغرىسىدا خۇلاسە چىقارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1799225
ئامېرىكانىڭ بىرمانىڭ ئاراكاندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى بېكىتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرما ئارمىيەسىنىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» سادىر قىلغانلىقى توغرىسىدا خۇلاسە چىقارغانلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ بۈگۈن ئۇ قارار خەلقئارا جەمئىيەتچىلىككە ئېلان قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىسمى ئاشكارىلانمىغان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا بايانات بېرىپ، جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ 14 ئايغا يېقىن تەكشۈرۈشتىن كېيىن بېرما توغرىسىدا يەكۈن چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەكۈنگە ئاساسەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىرما ئارمىيەسىنىڭ روھىنگادىكى قىلمىشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

مەزكۇر قارارنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ بۈگۈن ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر