ئۇكرائىنالىق بالا ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇرىقىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتتى
ئۇكرائىنالىق بالا ھاۋا ھۇجۇمى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ چېلىنغان ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇرىقىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق قورقۇپ كېتىپ، يوشۇرۇنۇشقا تىرىشتى.
1797111
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنادا كىچىك بىر بالا ھاۋا ھۇجۇمى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ چېلىنغان ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇرىقىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، ئانىسىغا يوشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. 2 ياشلىق تېئودورنىڭ ئانىسى ئېلسا، ئوغلىنىڭ، كېچىلىرى ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇرىقى چېلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئۇيقۇسىدا «ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇراقلىرى چېلىۋاتىدۇ، قاتتىق قورقۇپ كېتىۋاتىمەن» دەپ جۆيلۈپ يىغلاپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بالىلىرىمىزنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بالىلار ئىكەنلىكىنى ئويلاش ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنچلۇق ئەھۋال» دەيدۇ، ھەمدە ئۇرۇشنىڭ تېئودورغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.