ئامېرىكا قاتارلىق 6 دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئۇكرائىنا توغرىسىدا يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
ئامېرىكا قاتارلىق 6 دۆلەت رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا «ئۇرۇش جىنايىتى» سادىر قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى بۈگۈن يىغىن ئېچىپ بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋاكالەتخانىسى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فىرانسىيە، ئىرېلاندىيە، نورۋېگىيە ۋە ئالبانىيە قاتارلىق 6 دۆلەتنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئۇكرائىنا توغرىسىدا يىغىن ئېچىشقا چاقىرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا: «رۇسىيە ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىۋاتىدۇ ۋە پۇقرالارنى زەربە ئوبېيكتى قىلىۋاتىدۇ. رۇسىيەنىڭ قانۇنسىز ئۇرۇشى ھەممىمىزگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
ب د ت نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئاچقان ئۇرۇشىدا ھازىرغىچە 726 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 1174 پۇقرا يارىلانغان، ھۇجۇمدىن كېيىن، 3 مىليون 100 مىڭ مۇساپىر قوشنا دۆلەتلەرگە قېچىپ كەتكەن.
رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.