زېلېنسكىي: پولشا، چېخىيە ۋە سلوۋېنىيەگە ئىشىنىمىز

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىرزېلېنسكىي پولشا، چېخىيە ۋە سلوۋېنىيە قاتارلىق دوست دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىنا تەرەپتە تۇرغانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

1796261
زېلېنسكىي: پولشا، چېخىيە ۋە سلوۋېنىيەگە ئىشىنىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي تۈنۈگۈن چېخىيە باش مىنىستىرى پېتر فىيالا، پولشا باش مىنىستىرى ماتېئۇس موراۋىيككى ۋە سلوۋېنىيە باش مىنىستىرى جانېز جانسانىڭ پايتەخت كىيېۋدىكى زىيارىتى ئۈستىدە توختالدى.

زېلېنسكىي رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كىيېۋغا قاراتقان ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئۈچ رەھبەرنىڭ پايتەخت كىيېۋغا كەلگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ چوڭ، جەسۇر، توغرا ۋە سەمىمىي قەدەمدۇر» دېدى.

زېلېنسكىي پولشا، چېخىيە ۋە سلوۋېنىيە قاتارلىق دوست دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىنا تەرەپتە تۇرغانلىقىدىن مىننەتدار بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۇنداق دوستلار، بۇنداق دۆلەتلەر، قوشنىلار ۋە شېرىكلەر بىلەن بىز چوقۇم غەلىبە قىلىمىز. كىم ئىكەنلىكىنى دېيىشنى خالىمايمەن، ھەممىمىز چۈشىنىمىز. ئەڭ مۇھىمى بىز بۇ دۆلەت رەھبەرلىرىگە قەتئىي ئىشىنىمىز» دېدى.

ۋولودىمىر زېلېنسكىي شېرىك ۋە دوست دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ چوقۇم مەقسىتىگە يېتەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ئۇرۇش باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر