ئامېرىكادا ۋلادىمىر پۇتىنغا ئۇرۇش جىنايىتى دېلوسى تۇرغۇزۇشنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا ئۇرۇش جىنايىتى دېلوسى تۇرغۇزۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن لايىھىەسىنى تەستىقلىدى.

1796416
ئامېرىكادا ۋلادىمىر پۇتىنغا ئۇرۇش جىنايىتى دېلوسى تۇرغۇزۇشنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قانۇن لايىھەسى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئۆتكۈزگەن ئۇرۇش جىنايىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراخامنىڭ رەھبەرلىكىدىكى 20 دىن ئارتۇق كېڭەش پالاتا ئەزاسىنىڭ ئىمزاسى بىلەن، كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئومۇمىي مەجلىسىگە سۇنۇلغان بۇ قانۇن لايىھەسى پۇتىننى ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ تەرىپلىگەنلىكى بىلەنمۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئومۇمىي كېڭەشتە ئاغزاكى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ماقۇللانغان ۋە چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولمىغان بۇ قارار لايىھەسىدە يەنە، «پۇتىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ۋە خەلقئارا ئورگانلارنىڭ بۇلارنى تەكشۈرۈشى كېرەكلىكى» تەكىتلەندى.

ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەگە قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزالىرى، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى تولۇق قوللىدى.

رۇسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ئۇرۇش باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر